يانفون نۇسخىسىغا دائىر سورالغان سوئال-جاۋابلار
جاۋاب: ياق، سىستېمىمىزنىڭ مۇقىم ئىشلىتىش ۋاقتى يوق، سىز سېتىۋالغان كۈندىن باشلاپ تاكى شۇ يانفونىڭىز ۋە يانفون كارتىڭىز نورمال ئىشلىگەنگە قەدەر قۇتيار شوپۇرلۇق نەزەرىيە ئىمتىھان سىستېمىسىنى نورمال ئىشلىتەلەيسىز.
جاۋاب: شوپۇرلۇق سىستېمىسىنىڭ يانفون نۇسخىسى بىرلا يانفون ۋە بىرلا يانفون كارتىسىنى تونۇپ ئىشلەيدىغان بولغاچقا، سىز سېتىۋالغاندىن كېيىن يانفوننى ياكى يانفون كارتىسىنى ئالماشتۇرسىڭىز (يانفون كارتسىنى تولۇقلا قايتا بېجىرسىڭىزمۇ بولمايدۇ) سىستېمىنىڭ «ئۈسكۈنە نومۇرى» ئۆزگىرىپ كېتىپ، بۇرۇن سىز بىزدىن ستېىۋالغان «ئىجازەت نومۇرى» ئىشلىمەيدۇ. شۇڭا «قايتا سېتىۋېلىڭ» دەپ چىقىۋالىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا سىز ھەقىقەتەن تېلېفون كارتىسى ۋە يانفوننى ئالماشتۇرغان بولسىڭىز چوقۇم قايتا سېتىۋالىسىز، چۈنكى سىز سىستېمىنى سېتىۋېلىشتىن بۇرۇنلا «سېتىۋېلىش كېلىشىمى» گە «قوشۇلىمەن» دەپ ئۆزىڭىز رازى بولۇپ سېتىۋالغانلىقىڭىز ئۈچۈن بارلىق مەسئۇلىيەتكە ئۆزىڭىز مەسئۇل بولىسىز دېگەن گەپ. شۇڭا قايتا سېتىۋالمىسىڭىز بولمايدۇ.
جاۋاب: بۇنىڭدا مۇنداق بىر قانچە خىل سەۋەبتىن «ئۈسكۈنە نومۇرى» ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.
بىرىنچى سەۋەب: ناۋادا سىز يانفون ۋە يانفون كارتىسىنى ئالماشتۇرمايلا سىستېمىدىكى «ئۈسكۈنە نومۇرى» ئۆزگىرىپ كەتكەن بولسا، سىز سىستېما سېتىۋالغاندا ئىككى تال يانفون كارتىسى بار ياكى بىرتاللا يانفون كارتىسى بار بولۇپ، سىستېمىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن بىر تال يانفون كارتىسىنى چىقىرۋەتكەن بولسىڭىز ياكى يەنە بىر تال يانفون كارتىسى سالغان بولسىڭىز «ئۈسكۈنە نومۇرى» ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.
ئىككىنچى سەۋەب: سېتىۋالغان چاغدىلا ئىككى تال يانفون كارتىسى بار بولۇپ، سىز يانفونىڭىزنىڭ تور تەڭشىكىدىن ياكى تېلېفون ئۇرۇش تەڭشىكىدىن ئىككى كارتىنىڭ تەڭشىكىنى ئالماشتۇرغان بولسىڭىز يەنى تورغا چىقىش تەڭشىكى ياكى تېلېفون ئۇرۇش تەڭشىكىنى ئالماشتۇرغان بولسىڭىز بىزنىڭ سىستېما تۇنجى قېتىم سېتىۋالغاندا ئاساس قىلىنغان بىرىنچى كارتىنى تونۇغانلىقى ئۈچۈن، سىز تەڭشەكنى ئالماشتۇرۇپ تۇنجى قېتىملىق كارتىنى قوشۇمچە كارتا قىپ تەڭشەپ قويغانلىقىڭىز ئۈچۈن، «ئۈسكۈنە نومۇرى» ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.
جاۋاب: قۇتيار شوپۇرلۇق سىستېمىسىنىڭ «ئۈسكۈنە نومۇرى» يانفوننىڭ IMIE نومۇرى بىلەن يانفون كارتىسى (يەنى سۆزلىشش كارتىسى) نىڭ SSID نومۇرىنى ئاساس قىلىپ ئۈسكۈنە نومۇرىنى چىقىرىپ بېرىدۇ، دېمەك سىز مەيلى يانفون ئالماشتۇرۇڭ، مەيلى سۆزلىشىش كارتىسى ئالماشتۇرۇڭ ۋە ياكى قايتا تولۇقلاپ بېجىرىڭ، مۇشۇ ئۇچۇرلار تۇنجى قېتىم سېتىۋالغاندىكى ئۇچۇرلار بىلەن بىردەك بولمىسا «ئۈسكۈنە نومۇرى» ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. شۇڭا سىز مۇشۇ مەشغۇلاتلارنى قىلغان بولسىڭىز قايتا سىستېمىنى سېتىۋېلىشىڭىز كېرەك.
جاۋاب: سىز سىستېمىنى سېتىۋالغاندا «سېتىۋېلىش كېلىشىمى» دىكى ئىشلارنى سادىر قىلمىغان بولسىڭىز، قايتا سېتىۋالمايسىز. قۇتيار شوپۇرلۇق نەزەرىيە ئىمتىھان سىستېمىسىنىڭ يېڭى نەشرى پۈتۈنلەي ھەقسىز، قايتا پۇل تاپشۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. يېڭىلاش جەريانىدا بىلىپ-بىلمەي سىستېمىنى يۇيۇۋەتكەن بولسىڭىز شوپۇرلۇق تورىدىن قايتا يېڭى نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ، بۇرۇن سېتىۋالغان «ئىجازەت نومۇرى» نى كىرگۈزسىڭىز سىستېما نورمال قوزغىلىدۇ.
جاۋاب: سىز شوپۇرلۇق سىستېمىسىنى سېتىۋالغان كۈندىن باشلاپ سىستېمىنىڭ «ئىجازەت نومۇرى» سىز ئىشلىتىۋاتقان يانفونىڭىزنىڭ ئالاقىداش (联系人) نىڭ ئىچىگە ئۇيغۇرچە ئىسىمدا «قۇتيار شوپۇرلۇق ئىمتىھانى» دەپ ساقلىنىدۇ. سىز مۇشۇ ئالاقىداشنى ئېچىپ، تەپسىلاتىغا قارىسىڭىز، سىز قايسى پەننى سېتىۋالغان بولسىڭىز شۇ پەننىڭ ئىسىمى بويىچە «ئىجازەت نومۇرى» ساقلىنىپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا «ئىجازەت نومۇرى» يانفونىڭىزنىڭ ئالبوم (相册) ياكى رەسىم ئامبىرى (图库) دا رەسىم شەكىلىدە بىر نۇسخا ساقلىنىپ قالىدۇ.
جاۋاب: ياق، ئادەتتە يانفون ۋە يانفون كارتىسى ئالماشمىغان ئەھۋالدا قۇتيار شوپۇرلۇق سىستېمىسىنى شۇ سېتىۋالغان يانفونغا قايتا-قايتا قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. شەرت شۇكى سېتىۋالغان چاغدىكى «ئىجازەت نومۇرى» بولۇشى كېرەك. شۇڭا زاۋۇت ھالىتىگە قايتۇرۇشتىن بۇرۇن سېتىۋالغان «ئىجازەت نومۇرى» نى بىرەر يەرگە زاپاسلىۋېلىپ ياكى يېزىۋېلىپ، ئاندىن زاۋۇت ھالىتىگە قايتۇرۇڭ.