تور بەت كۆرگۈچكە ئالمىشىڭ

خۇش كەپسىز

مەھسۇلاتلىرىمىز تۆۋەندىكىچە

يانفون نۇسخىسى كومپيۇتېر نۇسخىسى تور بەت نۇسخىسى

ئەپ ۋە يۇمشاق دېتاللاردىن كۆرۈنۈشلەر

يانفون نۇسخىسى

يانفون نۇسخىسى مەخسۇس ئاندروئىد يانفونلار ئۈچۈن تۈزۈلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە شوپۇرلۇق 1 - پەن ۋە 4 - پەن ئەپ تەمىنلەنگەن، ئۆزىڭىزنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن مۇناسىۋەتلىك ئەپنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەردىن كىرىڭ

كومپيۇتېر نۇسخىسى

كومپيۇتېر نۇسخىسىغا قولايلىق راھەت ئارا يۈز ئىشلىتىلگەن، ئىشلەتكۈچىگە راھەت تۇيغۇ بېرىدۇ، سوئال ئامبىرى ئەڭ يېڭى، تەرجىمىسى جانلىق، ئىملاسى توغرا، ئاممىباپ تىل ئىشلىتىلگەن، ئاۋازلىق ئوقۇش، خەت چوڭلۇقىنى خالىغانچە تەڭشەش ئىقتىدارلىرى قوشۇلغان, بۇ يەردىن كىرىڭ

تور بەت نۇسخىسى

زامان ۋە ماكاننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغان تور بەت نۇسخىسى ئالما ئۈسكۈنلىرى ئىشلىتىدىغانلار، ئۆيىدە كومپيۇتېرى يوق، ئىشخانىدا ياكى تورخانىدا تورغا چىقىدىغانلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تاللاش بولالايدۇ، بۇ يەردىن كىرىڭ

قۇتيار شوپۇرلۇق سىستېمىسى ھەققىدە

ياخشىمۇسىز ھۆرمەتلىك دوستۇم : قۇتيار شوپۇرلۇق نەزەرىيە ئىمتىھان سىستېمىسىنى ئاقسۇ قۇتيار يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت ئىشخانىسى تۈزۈپ چىققان بولۇپ، بۇ بىر يۈرۈش سىستېمىلار ئارقىلىق سىز شوپۇرلۇق ئىمتىھاندىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كېتەلىسىڭىز بىز شۇنىڭدىن خوش. مەزكۇر سىستېمىلاردىكى سوئاللار 2021 - يىللىق ئەڭ يېڭى خەنزۇچە سوئال ئامبىرىغا ئاساسەن تەرجىمە قىلىپ چىقىلغان بولۇپ، سوئال مەزمۇنى تولۇق، تەرجىمىسى ياخشى، ئىملاسى توغرا. ئىشىنىمىزكى بۇ بىر يۈرۈش سىستېمىلار سىزنىڭ شوپۇرلۇق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ كېتىشىڭىزدىكى ئاساسى كۆۋرۈك بولالايدۇ. نۆۋەتتە بىزدىكى مەھسۇلاتلاردىن يانفون نۇسخىسى (1-پەن ۋە 4-پەن ھەمدە يۈك تىرانسپورت، يولۇچى ترانسىپورت قاتارلىق 4 دانە ئەپ)، كومپيۇتېر نۇسخىسى (ئۈچ دانە)،تور بەت نۇسخىسىقاتارلىقلار بار. ئېھتىياجىڭىزغا قاراپ بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.ھازىرلاش سېتىۋېلىش ئاخىرىدا دوستلارغا دەيدىغىنىمىز، بىز تۈزۈپ چىققان يۇمشاق دېتال، ۋە يانفون ئەپلىرى سۈپەتلىك ۋە باھاسى ئەرزان، سىزنىڭ سېتىۋالمىغان تەقدىردىمۇ بۇ بېكىتىمىزنى كۆرگەنلىكىڭىزنى ۋە مۇشۇنداق بىر يۈرۈش سىستېمىلارنىڭ بارلىقىنى دوست يارەنلىرىڭىزگە يەتكۈزۈپ قويىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز. رەھمەت.

ۋاكالەتچىلىرىمىز شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۈچلۈك ۋاكالەتچى قوشۇنىمىز بار
بىز ھەمكارلاشقان شوپۇرلۇق مەكتەپ شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى داڭلىق شوپۇرلۇق مەكتەپلىرى بىلەن ھەمكارلىقىمىز قويۇق
ئامباردىكى سوئال سانى مەيلى موتو ياكى چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوبۇس ئىمتىھانى بولسۇن، مۇشۇ بىر سىستېمىنىلا ئۆگەنسىڭىز كۇپايە

سوئال ۋە جاۋاب

بۇ جايدا سىز خېرىدارلار ئەڭ كۆپ سورايدىغان، سىز ئەڭ قىزىقىدىغان سوئاللارغا جاۋاب تاپالايسىز

يانفون نۇسخىسىغا دائىر سورالغان سوئال-جاۋابلار

سوئال : قۇتيار شوپۇرلۇق نەزەرىيە ئىمتىھان سىستېمىسى يانفون نۇسخىسىنىڭ ئىشلىتىش ۋاقتى بارمۇ؟

جاۋاب : ياق، سىستېمىمىزنىڭ مۇقىم ئىشلىتىش ۋاقتى يوق، سىز سېتىۋالغان كۈندىن باشلاپ تاكى شۇ يانفونىڭىز ۋە يانفون كارتىڭىز نورمال ئىشلىگەنگە قەدەر قۇتيار شوپۇرلۇق نەزەرىيە ئىمتىھان سىستېمىسىنى نورمال ئىشلىتەلەيسىز.

تېخىمۇ كۆپ سوئال جاۋابلار

كومپيۇتېر نۇسخىسىغا دائىر سورالغان سوئال-جاۋابلار

سوئال : قۇتيار شوپۇرلۇق نەزەرىيە ئىمتىھان سىستېمىسى كومپيۇتېر نۇسخىسىنىڭ ئىشلىتىش ۋاقتى قانچىلىك؟ يېڭى نەشرىنى ھەقلىق يېڭىلاپ بېرەمسىلەر ياكى ھەقسىزمۇ؟

جاۋاب : سىز قۇتيار شوپۇرلۇق نەزەرىيە ئىمتىھان سىستېمىسىنى سېتىۋالغاندىن باشلاپ، كومپيۇتېرىڭىزنىڭ قاتتىق دېتاللىرىنى ئالماشتۇرمىغان ئەھۋالدا ئىككى يىلغىچە ھەقسىز ئىشلىتەلەيسىز.

تېخىمۇ كۆپ سوئال جاۋابلار

ئىشلەتكۈچىلىرىمىز ئاللىبۇرۇن 30 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى

بىزنىڭ سىستېمىنى ئىشلىتىپ شوپۇرلۇق نەزەرىيە ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلەر ناھايتى كۆپ، بىز ئەمەلىي نەتىجە بىلەن گەپ قىلىمىز.

سېتىۋېلىش ياكى ۋاكالەتچى بولۇش

قۇتيار شوپۇرلۇق سىستېمىلىرىنى  پەقەت ۋېيشىن ياكى ئالىپاي ھېساباتىڭىزلا بولسا بىز بىلەن ئالاقە قىلمايمۇ سېتىۋالالايسىز، ئەگەر ۋېيشىن ياكى ئالىپاي ئىشلەتمىسىڭىز ھەم ئۆزىڭىزگە يېقىن جايدىن سېتىۋالماقچى بولسىڭىز ۋاكالەتچىلەر تىزىملىكىنى كۆرۈپ بېقىڭ. ئەگەر ۋاكالەتچى بولماقچى ياكى مۇشۇ خۇسۇسىدا مەسلىھەت سورىماقچى بولسىڭىز بەت ئاستىدىكى ئالاقىلىشىش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

 دوستانە ئەسكەرتىش: بىز تۈزۈپ چىققان سىستېما ۋە ئەپلەر دۆلەتنىڭ يۇمشاق دېتال ئىجازەتنامىسىغا ئېرىشكەن، يېشىۋېتىلگەن نۇسخىسىنى ئىشلىتىپ كېلىپ چىققان ئاقىۋەتكە ئۆزىڭىز ئىگە.
软件著作权登记号:2017SR220754

ۋاكالەتچى بولماقچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ